«ئامېرىكانىڭ تۈركىيە ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان باج مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشى ئىجابىي ئەھۋال»

سودا مىنىستىرى رۇھسار پەكجان ئامېرىكانىڭ تۈركىيە ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان باج مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشىنىڭ ئىجابىي ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1203150
«ئامېرىكانىڭ تۈركىيە ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان باج مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشى ئىجابىي ئەھۋال»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سودا مىنىستىرى رۇھسار پەكجان، ئامېرىكا قوشما ئىشاتلىرىنىڭ تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان پولات-تۆمۈرلەردىن ئېلىنىدىغان باج مىقدارىنى %50تىن %25 تۆۋەنلىتىشىنىڭ ئىجابىي ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكادىن بارلىق سودا توسالغۇلىرىنى بىكار قىلىشنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەكجان تۋىتتېر ئادرېسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر يېزىپ، تۈركىيەنىڭ ئادىل ۋە ئىزچىل خاراكتېرگە ئىگە خەلقئارا سودا تۈزۈمىنى ياقلايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكانىڭ تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان پولات-تۆمۈرلەردىن ئېلىنىدىغان باج مىقدارىنى %50تىن %25تىن تۆۋەنلىتىشىنىڭ ئىجابىي ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن پەكجان:تۈركىيە ئامېرىكانىڭ بارلىق سودا توسالغۇلىرىنى بىكار قىلىشىنى ئۈمىد  قىلىدۇ، تۈركىيەنى ئومۇملاشتۇرۇلغان سىستېمىدىن چقىرىپ تاشلاش قارارى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 75 مىليارد دوللارلىق سودا نىشانىغا زىتتۇر. سودا ساھەسىدىكى توسالغۇلار نوقۇل تۈركىيە شىركەتلىرىگىلا ئەمەس ئامېرىكا شىركەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە. مۇھىم سودا شىرىكلىرىمىزدىن بىرى بولغان ئامېرىكا بىلەن سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىمىز، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر