تۈركىيە گىرېتسىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە گىرېتسىيەنىڭ DHKP/C، پ ك ك ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىخەتەر پاناھ جايىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1202221
تۈركىيە گىرېتسىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، گىرېتسىيەدە سوت مەھكىمىسىنىڭ، دۆلەتتە 2017 – يىلى نويابىردا تۇتۇلغان، تېررورلۇق تەشكىلاتى DHKP-C بىلەن چېتىشلىقى بار 9 كىشى ئۈستىدىن «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشتىن ئاقلىنىشى توغرۇلۇق قارار چىقىرىشى ھەققىدە  ئېلان قىلغان باياناتىدا،  گىرېتسىيەنىڭ DHKP/C، پ ك ك ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىخەتەر پاناھ جايىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، گىرېتسىيەدە تۈنۈگۈن DHKP-C  ئۇنسۇرلىرىنىڭ  قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «گىرېتسىيەنىڭ DHKP/C، پ ك ك ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىخەتەر پاناھ جايىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتىمىز، بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا گىرېتسىيەدە خەلقئارالىق تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ئەھدىنامىلىرىگە خىلاپ ھالدا كەڭچىلىك قىلىنىشىنى، ياخشى مۇئامىلە قىلىنىشىنى ۋە ياردەم قىلىنىشىنى قوبۇل قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا سۇيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىغا قارىتا كۈچلۈك دەلىللەرگە ئاساسەن گىرېتسىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن 2017 – يىلى تۇتۇلغان، ئۈستىدىن تۈركىيەدىمۇ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى ئۈچۈن، گىرېتسىيەدىن تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان  DHKP/C ئەزاسى 9 ئۇنسۇرنى قويۇپ بېرىش قارارى، بۇنداق ئۇنسۇرلارنىڭ نېمىشقا گىرېتسىيەنى پاناھ جاي قىلىۋالغانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى، ئەلۋەتتە.»

DHKP/C نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئاقسوي، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «جۈملىدىن، گىرېتسىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارارى ياۋروپادىكى تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش تىرىشچانلىقلىرىغىمۇ ئوچۇق - ئاشكارا زىيان يەتكۈزمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر