تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە ھۇجۇم قىلىنىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئالدى ئېلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ زىيارەتچىلەر زالىغا كىرگەن ئىككى كىشى بۇ يەردىكى خىزمەتچى – خادىمنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇندى.
شۇنىڭ بىلەن، ۋەقەگە مۇداخىلە قىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، بۇ كىشىلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى DHKP-C بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى، كۆپلىگەن تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى سادىر قىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، دەرھال قولغا چۈشۈردى.
جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى DHKP-C بىلەن چېتىشلىقى بار ئىككى تېررورچىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: « تېررورلۇق تەشكىلاتى DHKP-C بىلەن چېتىشلىقى ئىككى تېررورچى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى، بۇ ئۇلارنىڭ خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ھۇجۇم قىلىشنى نىشان قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ.»