تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ۋەقە پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان ئىككى تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە تېررورلۇق ۋەقەسى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى.

1201263
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ۋەقە پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان ئىككى تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە بومبىلىق تېررورلۇق ۋەقەسى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى زىيارەتچىلەر زالىغا كىرگەن ئىككى كىشى ئۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىملارنى گۆرۈگە ئېلىشقا ئۇرۇندى.

ۋەقەگە مۇداخىلە قىلغان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، DHKP-C تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئېنىقلانغان مەزكۇر كىشىلەرنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشتىن ئىلگىرى قولغا چۈشۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدى.

خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە گۇماندارلارنىڭ يېنىدا بومبا تۈسى بېرىلگەن قۇتۇلارنىڭ بارلىقى بايقالدى. 

گۇماندارلارئۈستىدە تېررورلۇق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ دېلو تۇرغۇزۇلغانلىقى ۋە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى ئېنىقلاندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر