تۈركىيە – ئىران چېگراسىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە – ئىران چېگراسىدىكى ئىغدىرغا قاراشلىق دىلىجۇ رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، بىر ئەسكەر يارىلاندى.

1198880
تۈركىيە – ئىران چېگراسىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەتىگەن تەرەپلەردە تېررورچىلارنىڭ دىلىجۇ رايونىدا ئەسكەرلەرگە پارتلاتقۇچ ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە ئىككى ئەسكەر يارىلانغان، كېيىن يارىلانغان ئەسكەرلەردىن بىرى شېھىت بولغان. يارىلانغان يەنە بىر ئەسكەر ئىغدىر دۆلەتلىك دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئىگىلىنىشىچە، رايوندا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر