تۈركىيە پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى لاھوردا بىر سوفى مەقبىرىسىگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1197494
تۈركىيە پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «لاھور شەھىرىدە بىر سوفى مەقبىرىسىنىڭ كىرىش ئېىغىزىدىكى ساقچى پونكىتىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇم سەۋەبىدىن ساقچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلگەنلىكى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەردىن ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپتۇق» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، «بىر دىنىي جايغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بۇ لەنەتلىك تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز. ۋاپات بولغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدار بولغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تېلەيمىز. پاكىستان ھۆكۈمىتى شۇنداقلا قېرىنداش پاكىستان خەلقىگە تەزىلە تېلەكلىرمىزنى يوللايمىز» دېيلدى.

پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى لاھوردا بىر سۇفى مەقبىرىسىگە قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا 5 ساقچىنى قوشقاندا جەمئىي 8 كىشىىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە ئاز دېگەندىمۇ 26 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.


خەتكۈچ: #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر