تۈركىيە فىرانسىيەنىڭ باياناتىغا رەددىيە بەردى
تۈركىيە فىرانسىيە ياۋروپا ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆز دېڭىز تەۋەلىكىدە قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار باياناتىغا رەددىيە بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «فىرانسىيە ياۋروپا ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ۋە دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆز دېڭىز تەۋەلىكىدە قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار باياناتىنى رەت قىلىمىز. بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەمىز، مىنىستىرلىقىمىز تەرىپىدىن 4 – ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان 124 – نومۇرلۇق ۋە 6 – ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان 128 – نومۇرلۇق باياناتلىرىمىز بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە كۈچكە ئىگە.»
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 4 – ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى گىدروكاربون مەنبەلىرىگە ئالاقىدار قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ، خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن قانۇنلۇق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەنىدى.
مىنىستىرلىقنىڭ 6 – ماي كۈنى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدىمۇ، تۈركىيەنىڭ ئۆز دېڭىز تەۋەلىكىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىنىڭ دەل ئەكسىچە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەنىدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ خۇددى رۇملار <ھەق داۋاسى قىلىۋاتقان> بىر ساھەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندەكلا پوزىتسىيە تۇتۇشى ۋە بۇ ھەقتە تۈركىيەگە چاقىرىقتا بولۇشى، نە ئىجابىي ئەمەس، نە خەلقئارا قانۇنغا مۇناسىپ پوزىتسىيە ئەمەس.»