چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىسنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1196402
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىسنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن چانكايا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ناتو ئاقدېڭىز دىيالوگى ھەمراھلىرى يىغىنى» ھارپىسىدا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ   ھەم ئاقدېڭىزلىق ھەم ياۋروپالىق بىر ئىتتىپاقداش دۆلەت، ھەمدە  بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتىن بۇ ئىككى رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان ھالقىلىق دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى، ئاقدېڭىزدا يۈز بەرگەن كىرىزىسلارنىڭ ياۋروپاغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رايوندىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى پەقەت قەغەز ئۈستىدىلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ھەمكارلىق، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلغاندىلا ئاندىن قىيىن ئۆتكەللەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكىلى بولىدۇ. تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە خالىغانچە ھەرىكەت قىلغاندا ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. جۈملىدىن، تېررورچىلارنى  <بۇياخشى>، <بۇ يامان> دەپ  ئايرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.»

تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى  بىر تەرەپلىمىلىك ۋە قالايمىقان ھەرىكەتلەرگە قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ يولى خەلقئارا قانۇن ۋە تارىخىي ھەقىقەتلەرگە ھۆرمەت قىلىشتىن ئۆتىدۇ. ئەنقەرە مانا مۇشۇ ئاڭنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، ھەم تۈركىيەنىڭ ھەم شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ھەمىشە ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قوغداشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر