قالىن ئامېرىكا ئالاھىدە ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جەيمس جېفرېي بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە بىر يەرگە جەم بولدى.

1193585
قالىن ئامېرىكا ئالاھىدە ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بارلىق تېررورچىلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى ۋە مىللىي بىخەتەرلىكىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن ئۇچرىشىشتا، «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدا ۋە سۈرىيە مىقياسىدا تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش، بىخەتەر رايون بەرپا قىلىنىشى، مۇنبىچ يول خەرىتىسى دائىرىسىدىكى پىلاننىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى، دائېش، پ ك ك/ي پ گ/پ ي د نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  كۈرەش، ئىدلىب كېلىشىمىگە رىئايە قىلىش، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى قوغداپ قېلىنغان ئاساستا كىرىزىسنىڭ سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى ۋە سۈرىيەنى قايتا قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر