تۈركىيە-ئىران ئوتتۇرىسىدا سىياسىي مۇزاكىرە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە بىلەن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئوتتۇرىسىدا سىياسىي مۇزاكىرە يىغىنلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1191705
تۈركىيە-ئىران ئوتتۇرىسىدا سىياسىي مۇزاكىرە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇزاكىرەلەر رامكىسىدا، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال بىلەن ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتلەرنىڭ، ئەتە (30-ئاپرېل) پايتەخت ئەنقەرەدە مۇزاكىرە يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مۇزاكىرە يىغىنلىرىدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف 17-ئاپرېل (چارشەنبە) كۈنى ئەنقەرەنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ زىيارىتىدە، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر