ئەردوغان: ئالجىرىيە ۋە رىۋاندا قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارى فىرانسىيەدۇر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئالجىرىيەدە رىۋاندادىكى قىرغىنچىلىقلاردا يۈز مىڭلارچە ئادەمنى قەتل قىلغان فىرانسىيەنىڭ تۈركىيەگە ساۋاق بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1189166
ئەردوغان: ئالجىرىيە ۋە رىۋاندا قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارى فىرانسىيەدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدىكى دۆلەت ئارخىپلىرى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، قەتلىئاملار، ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار، قىيىن – قىستاقلار ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تېگى كولانغىنىدا، نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ ئالدىغا چىقىپ «قىرغىنچىلىق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك» دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقانلارنىڭ كۆرۈنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان، «25 يىل ئىلگىرى رىۋاندادا 800 مىڭ ئادەمنى قىرغىنچىلىقتا كىملەرنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكى ئاشكارىدۇر ۋە جاۋابكارى فىرانسۇزلاردۇر. فىرانسۇزلار بىزگە دەرس بېرىۋاتىدۇ. نېمىنىڭ دەرسىنى بېرىسىلەر؟ ئالجىرىيەدە، رىۋاندادا قىلغان قىرغىنچىلىقلىرىڭلارنى ناھايىتى ياخشى بىلىمىز» دېدى.

ئەردوغان، ئەرمەن مەسىلىسى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ تۈركىيەگە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە توغرىسىدا دەرس بېرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قانلىق ئۆتمۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھازىرغىچە ئەرمەن مەسىلىسىنى ئۇلغايتىۋاتقان ھېچبىر گۇرۇپپا ياكى دۆلەتنىڭ دەۋالىرىنى ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئارقىلىق ئىسپاتلىيالمىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «مۇددىئاسى ھەقىقەتكە ئېرىشىش بولغان بارلىق كىشىلەرگە ئارخىپلىرىمىزنىڭ دەرۋازىلىرى داغدام ئوچۇقتۇر. بىزنىڭ مەخپىي ئىشلىرىمىز يوق. ئەرمەنلەر (ئەگەر) بولۇپ قالسا ئارخىپلىرىڭلارنى سىلەرمۇ ئېچىڭلار، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۈچىنچى دۆلەتلەرمۇ بولسا ئارخىپلىرىنى ئاچسۇن. ئاتالمىش ئەرمەن قىرغىنچىلىقى دەۋالىرى ئارقىلىق ئەتراپنى بۇلغاپ يۈرۈۋاتقانلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ ھەقىقەتكە ئېرىشىش دەيدىغان بىر ئارزۇسى يوقلۇقىنى بىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر