زەرىف: ئەسەد بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىم ھەققىدە ئەردوغانغا دوكلات سۇنىمەن

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، سۈرىيە ھاكىمىيىتى لىدىرى بەششار ئەسەد بىلەن ئۇزۇن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1185180
زەرىف: ئەسەد بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىم ھەققىدە ئەردوغانغا دوكلات سۇنىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

زەرىف، سۈرىيەدە ئەسەد بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن تۈركىيەگە بىرەر ئۇچۇر ئېلىپ كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا «مەن سۈرىيەدە بەششار ئەسەد بىلەن ناھايىتى ئۇزۇن بىر سۆھبەت ئۆتكۈزدۈم. بۇ ئۇچرىشىشنىڭ بىر دوكلاتىنى ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا سۇنىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئىراننىڭ رايون دۆلەتلىرىنىڭ بىر – بىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن زەرىف، دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىگە ياكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرىگە مۇداخىلە قىلمايدىغانلىقلىرىنى، پەقەت ئارزۇلىرىنى يەتكۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ، سۈرىيە مەسىلىسىگە سىياسىي چارە تېپىش دائىرىسىدە شەكىللەندۈرۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان ئاساسىي قانۇن كومىتېتى توغرىسىدا رۇسىيە، تۈركىيە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ب د ت ئالاھىدە ۋەكىلى گېئىر پېدېرسېن بىلەن بۇ ھەقتە ئەتراپلىق سۆزلەشكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.

ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ كىملەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى ۋە كومىتېتتا قايسى خىل ئۇسۇل ۋە ئاساسلارنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن زەرىف، ئاستانا مۇساپىسىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇر سۇلتاندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، بۇ مۇساپىنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئۆزىگە كېلىۋاتقان تەھدىتلەرگە ئالاقىدار ئەندىشىلىرىنى چۈشىنىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن زەرىف، «بىزگە نىسبەتەن تۈركىيە خەلقىنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە بىخەتەرلىكى ناھايىتى مۇھىمدۇر. بۇ جەھەتتە ناھايىتى كۈچلۈك ھەمكارلىقلىرىمىز بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر