چاۋۇشئوغلۇ: ۋېنېزۇئېلانى قوللاشنى داۋامالشتۇرىمىز
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ۋېنېزۇئېلانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ۋېنېزۇئېلا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاررېئازا بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: « ۋېنېزۇئېلانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز، ۋېنېزۇئېلادىكى ھەرقانداق بىر سەلبىي ئەھۋال پۈتكۈل لاتىن ئامېرىكىسىغا، ھەتتا كارايىپلارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.»
ئۇ يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قىلىدىغان زىيارىتىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بولتون بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاررېئازا مۇنداق دېدى: «ۋېنېزۇئېلا قىيىن ئۆتكەلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيە بىزگە دوستانە پوزىتسىيەدە بولدى.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.