مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يېڭى زېلاندىيەگە رەەخمەت ئېيتت

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاكىندا ئاردېرنغا ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىر شۇنداقلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىنستون پېتېرسقا ئالاھىدە رەخمەت ئېيتتى.

1169097
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يېڭى زېلاندىيەگە رەەخمەت ئېيتت

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يېڭى زېلاندىيەدە ئالدىنقى ھەپتە مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، نامايان قىلىنغان سەزگۈرلۈك ئۈچۈن يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاكىندا ئاردېرنغا ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىر شۇنداقلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىنستون پېتېرسقا ئالاھىدە رەخمەت ئېيتتى. 

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېر ھېسابىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «باش مىنىستىر جاكىندا ئاردېرنغا ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشقان مۇئاۋىن باش مىنىستىر شۇنداقلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىنستون پېتېرسقا كىرىستچورچ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى باشتىن تارتىپلا "تېررورلۇق" دەپ باھالىغانلىقى ھەمدە مۇسۇلمانلارغا قارىتا نامايان قىلغان سەزگۈرلۈكلىرى ئۈچۈن رەخمەت ئېيتىمەن. يېڭى زېلاندىيە بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدىمىز» دېدى.

يېڭى زېلاندىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى شۇنداقلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىنستون پېتېرس تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «يېڭى زېلاندىيەدە ئىككى جامەگە قىلىنغان تېررولۇق ھۇجۇمى ھەمدە مۇسۇلمانغا قارشى نەپرەت ۋە چېدىماسلىققا قارشى كۈرەش» تېمىلىق ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدىكى ئۇچۇق يىغىننىڭ ئىجرائىيە كومىتېتلىرى جىددىي يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى.

كىرىستچورچ شەھىرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 51 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر