چاناققەلئە زەپىرى تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنمەكتە

شېھىتلارنى خاتىرىلەش كۈنى ۋە چاناققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 104 – يىللىقى تۈرلۈك مۇراسىملار  ئارقىلىق تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنمەكتە.

1165519
چاناققەلئە زەپىرى تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شېھىتلارنى خاتىرىلەش كۈنى ۋە چاناققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 104 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن چاناققەلئەدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى كابېنتى نامىدىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋەكالىتەن چاناققەلئە بوغۇزى ۋە گارنىزون قوماندانى  بىرىگادا گېنېرالى لەۋەنت كېرىم ئۇچا، چاناققەلئە ۋالىيسى ئورھان تاۋلى ۋە چاناققەلئە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئۈلگۈر گۆكھان تەرىپىدىن ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىغا گۈلچەمبىرەك قويۇلدى.

بۇ ئارىلىقتا، « TCG Burgazada » پاراخوتىدىن 21 دانە توپ ئوقى ئېتىلدى.

مۇراسىم ھۆرمەتتە تۇرۇش ۋە ئىستىقلال مارشىنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن داۋاملاشتى.

ئارقىدىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن 1994 – يىلى 253 مىڭ شېھىتنىڭ  خاتىرىسى ئۈچۈن 3972 – نومۇرلۇق ھۆججەتكە ئاساسەن چاناققەلئەگە بېرىلگەن «چاناققەلئەدىن ئۆتۈلمەس» دېگەن خەتلەر يېزىلغان مېدال، مىنىستىر ئاقار ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت تەرىپىدىن تۈركىيە بايرىقىغا تاقىلىپ، چىقىرىلدى.

مىنىستىر ئاقار ئۇرۇشقا قاتناشقان ئاۋىستىرىيالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەدىن كەلگەن مېھمانلار ۋە مۇراسىمغا قاتناشقان كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى.

ئىگىلىنىشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 18 – مارت تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «18 – مارت شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى ۋە چاناققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 104 – يىللىقىنى تەبرىكلەش» مۇراسىمىغا قاتنىشىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر