چاۋۇشئوغلۇ: قۇددۇس بىزگە نىسبەتەن مۇقەددەس بىر دەۋادۇر

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «قۇددۇسنىڭ تارىخىي ۋە قانۇنىي سالاھىيىتىنىڭ قوغدىلىشى تاشقى سىياسىتىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىشلىرىنىڭ بىرىدۇر...» دېدى.

1155965
چاۋۇشئوغلۇ: قۇددۇس بىزگە نىسبەتەن مۇقەددەس بىر دەۋادۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «قۇددۇسنىڭ تارىخىي ۋە قانۇنىي سالاھىيىتىنىڭ قوغدىلىشى تاشقى سىياسىتىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىشلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ، بىزگە بىزگە نىسبەتەن مۇقەددەس دەۋادۇر. قۇددۇستىكى ئادالەتسىزلىككە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن، ھەرتۈرلۈك تىرىشچانلىقنى نامايان قىلىمىز» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پەلەستىن باش ئەلچىلىرى كېڭەش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى. ئۇ، غەززەدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇھاسىرىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇش يولىدا پەرۋاسىزلارچە قەدەم تاشلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئۆتكەن يىلى ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا قوبۇل قىلىنغان ئاتالمىش مىللىي دۆلەت قانۇنىمۇ بۇ چۈشەنچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان يېڭى بىر مىسال ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇرۇنۇشلارنىڭ، دىيالوگ ۋە دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ئادىل، شۇنداقلا ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىقنى ئورنىتىش نىشانىمىزغا كۈلەڭگە چۈشۈرۈشىگە قەتئىي يول قويمايمىز. ئىسرائىلىيە قانۇنسىز پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەنسېرى، بىز خەلقئارا سەھنىدە تىنچلىق ۋە ئادالەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمارگونىمۇ توغرا دەپ قارىمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، «ئىراننىڭ بۇ شەكىلدە بىر بولۇڭغا قىستىلىشىنى رايونغا نىسبەتەنمۇ ناھايىتى خەتەرلىك ۋە خەۋپلىك بىر ئىش، دەپ قارايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر