جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پاكىستان باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1154707
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پاكىستان باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلغان.

تېلېفون سۆھبىتىدە، پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بېرىۋاتقان سۈركىلىش ۋە رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر