ھۇلۇسى ئاقار سومالى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار سومالى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھەسەن ئەلى مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشتى.

1154527
ھۇلۇسى ئاقار سومالى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار سومالى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھەسەن ئەلى مۇھەممەدنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا كېلىشىدە ھەربىي مۇراسىم ئارقىلىق قىزغىن قارشى ئالدى.

ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مىللىي مارشلىرىغا خاس مۇزىكىلار ھەربىي سەنئەتكارلار ئەترىتى تەرىپىدىن  ئورۇندالغان مۇراسىمدا، سومالى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد مۇراسىم قاراۋۇلىغا سالام بەردى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەخسۇس دەپتىرىنىڭ ئىمزالىنىشىدىن كېيىن، مىنستىر ئاقار بىلەن مىنىستىر مۇھەممەد ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ھاۇئا ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «سومالىلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەر ۋە ھۇزۇر ئىچىدە بولۇشىنى دىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سومالىلىق قېرىنداشلىرىمىز تىنچ ھەم ھۇزۇر ئىچىدە ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ، بۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەققى، ئەلۋەتتە.»

ئىگىلىنىشىچە، ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر