خىتاي باش ئەلچىسى دېڭ لى ئەردوغانغا ئىشەنچ مەكتۇپى تاپشۇردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېڭ لىنى قوبۇل قىلدى.

1140745
خىتاي باش ئەلچىسى دېڭ لى ئەردوغانغا ئىشەنچ مەكتۇپى تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىكى قوبۇل قىلىشتا، خىتاي باش ئەلچى دېڭ لى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ئىشەنچ مەكتۇپى تاپشۇردى.

دېڭ لى رەپىقىسى ۋە بىر قىسىم ئەلچىخانا خادىملىرىنى ئەردوغانغا تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، خاتىرە سۈرەت تارتقۇزۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر