تۈركىيە ئافغانىستاندىكى موھتاجلارغا ياردەم قىلدى

تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى مەزار شەرىف شەھىرىدىكى موھتاج ئائىلىلەرگە چېدىر ۋە ئەدىيال ياردەم قىلدى.

1135667
تۈركىيە ئافغانىستاندىكى موھتاجلارغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان مەزار شەرىف شەھىرىدىكى موھتاج ئائىلىلەرگە چېدىر ۋە ئەدىيال ياردەم قىلدى.

تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ئافغانىستان ۋەكىلى مۇجاھىت سالىھ دۇران، ئۇرۇش ۋە قۇرغاقچىلىق تۈپەيلى فەرياب ۋىلايىتىدىكى ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ مەزار شەرىفكە كۆچۈپ كەلگەن ئائىلىلەرنىڭ قەھرىتان قىش كۈنلىرىدە ئۆزلىرى قۇرۇپ چىققان كونا چېدىرلاردا ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ئافغانىستانغا نۇرغۇن چېدىر ۋە ئەدىيال ئېلىپ كېلىپ موھتاج ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان دۇران، جەمئىيەتنىڭ بۇرۇنمۇ ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان رايونلاردىكى 21 مىڭ ئائىلىگە قۇربانلىق گۆشى، فەرياب ۋىلايىتىنىڭ ئاندخوي ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار تۈپەيلى ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان مىڭدەك ئائىلىگە ئوزۇق-تۈلۈك تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇران ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «ئافغانىستاندىكى موھتاجلارنى يۆلەيدىغان نۇرغۇن لايىھە ۋە پىلانىمىز بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر