مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېر ئو پېدېرسېن بىلەن كۆرۈشتى.

1135033
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېر ئو پېدېرسېننىڭ زىيارىتىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا قوبۇل قىلدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، چاۋۇشئوغلۇ بىلەن پېدېرسېن نۇقتىلىق ھالدا سۈرىيەدىكى سىياسىي ھەل قىلىش باسقۇچىنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئۇچرىشىشتا يەنە، پېدېرسېنگە يېڭىدىن ئۆز ئۈستىگە ئالغان سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى تۈركىيەنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى ۋە تۈركىيەنىڭ كۈتكەن ئۈمىد-ئارزۇلىرىنىڭ يەتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر