كېرچ بوغۇزىدىكى ئوت كېتىش ۋەقەسىدە تۆت تۈركىيە پۇقراسى جېنىدىن ئايرىلغان

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كېرچ بوغۇزىدا ئىككى پاراخوتقا ئوت كەتكەن ۋەقەدە جېنىدىن ئايرىلغان تۈركىيە پۇقرالىرىغا ئاللاھتىن رەھمەت، يېقىن-يورۇقلىرىغا سەۋر تىلىدى.

1131098
كېرچ بوغۇزىدىكى ئوت كېتىش ۋەقەسىدە تۆت تۈركىيە پۇقراسى جېنىدىن ئايرىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كېرچ بوغۇزىدىكى ئوت كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، 21-يانۋار كېرچ بوغۇزى ئەتراپىدا «مائېسترو» ۋە ««كەندى» ناملىق تانزانىيەنىڭ ئىككى پاراخوتىغا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە، تۈركىيە پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، پاراخوتتىكى خادىملارنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، خەۋەر تېپىلغان مىنۇتتىن تارتىپ ۋەقەنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلگەنلىكى، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، پاراخوتتىكى 16 تۈرك خادىمدىن سەككىز نەپىرىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى، تۆت نەپىرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«يوقاپ كەتكەن تۆت پۇقرايىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ.»

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«بۇ ۋەقەدە ۋاپات بولغان پۇقرالىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت، مۇسىبەتلىك ئائىلىلىرىگە ۋە يېقىن-يورۇقلىرىغا سەۋر تىلەيمىز. ۋاپات بولغانلارنىڭ مېيىتلىرىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۆلىتىمىزگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىمىز.»

21-يانۋار كېرچ بوغۇزىدا تانزانىيەنىڭ ئىككى پاراخوتى ئوتتۇرىسىدىكى يېقىلغۇ يەتكۈزۈش مەشغۇلاتى جەريانىدا ئوت كېتىپ، 14 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 12 كىشى يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر