ئىيوردانىيە باش مىنىستىرى تۈركىيە زىيارىتى ئۈستىدە توختالدى

ئىيوردانىيە باش مىنىستىرى ئالدىنقى ئاي تۈركىيەدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

1119618
ئىيوردانىيە باش مىنىستىرى تۈركىيە زىيارىتى ئۈستىدە توختالدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئۆمەر ئەر رەززاق ئىيوردانىيەنىڭ مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۆز قىلىپ، پەلەستىنگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەگە پۈتۈنلەي ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىيوردانىيە باش مىنىستىرى ئۆمەر ئەر رەززاق تۈركىيە بىلەن پەلەستىن مەسىلىسى ھەققىدە تولۇق ماشلىشىشچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا كۆچمەنلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردە بىخەتەرلىك ۋە سىياسىي جەھەتتە ماسلىشىشنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۆمەر ئەر رەززاق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى توشۇپ قتالغانلىقىنى، بىراق ھەر ئىككى تەرەپ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان سودا ۋە ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى دائىرىسىدە، تەخمىنەن 2 ئاي كېيىن قايتىدىن بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر