چاۋۇشئوغلۇ، تاشقى سىياسەتتە دائىمىي دوستلۇق ياكى دۈشمەنلىك يوقتۇر، دېدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەگە ئەتراپى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، «ئەگەدە بولدى – تۈگىدى (دېيىش) لەرگە يول قويمايمىز» دېدى.

1118181
چاۋۇشئوغلۇ، تاشقى سىياسەتتە دائىمىي دوستلۇق ياكى دۈشمەنلىك يوقتۇر، دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «سىلەرنىڭ بىر ئەركە بالاڭلار بار، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنى <ئەركە بالىمىز> دەپ ئاتىشىدۇ. ئەركە بالاڭلارغا ئىگە بولۇڭلار، بىزنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىزنىڭ قولىدىن بىرەر قازا چىقىپ قالمىسۇن» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئاكادېمىيەسى باشقارمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئاكادېمىيەسى چارشەنبە يىغىنى» دا سۆز قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ، تاشقى سىياسەتتە ئىزچىل دوستلۇق ياكى ئىزچىل دۈشمەنلىكنىڭ يوقلۇقىنى، تۈركىيەنىڭ بارلىق مۇناسىۋەتلىرىدە تەڭپۇڭ سىياسەت يۈرگۈزۈشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «<رۇسىيە بىلەن بەكلا يېقىنلىشىپ كەتتىڭلارمۇ قانداق؟ ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈرك كېڭىشى قۇردۇڭلارمۇ؟ سىلەر ئوتتۇرا شەرقتە بار، پارس قولتۇقىغا مەركەزلىشىۋاتىسىلەر، ئىسلامچى سىياسەت يۈرگۈزۈشنى خالامسىلەر؟ بىزدىن يىراقلىشىۋاتامسىلەر؟ ئاسىيادا سالاھىيەتكە ئىگە بولدۇڭلار، بىزدىن يىراقلىشىپ كەتتىڭلار>  دېيىشىۋاتىدۇ. سىلەر ئۇ يەرلەردە بولساڭلار مەسىلە چىقمايدۇ، كەتسەڭلار مەسىلە چىقمايدۇ، بىز بارغاندا نېمىشقا يۆنىلىش ئۆزگىرىشى بولغان بولىدۇ؟ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە دائىملىق  دوست ياكى دۈشمەن يوقتۇر» دېدى.

ئەگە ئەتراپى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، «ئەگەدە بولدى – تۈگىدى (دېيىش) لەرگە يول قويمايمىز. ھەم پارلامېنت قارارىمىزنى خاتىرىلىتىمىز ھەم دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن سەلبىي قەدەملەر تاشلانغىنىدا كېرەكلىك ئىشلارنى قىلىمىز. گىرېتسىيەنىمۇ بىر نۇقتىدا ئاگاھلاندۇرىمىز؛ سىلەرنىڭ بىر ئەركە بالاڭلار بار، ئۇلار، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنى <ئەركە بالىمىز> دەپ ئاتىشىدۇ. ئەركە بالاڭلارغا ئىگە بولۇڭلار، بىزنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىزنىڭ قولىدىن بىرەر قازا چىقىپ قالمىسۇن. بۇنى خاتىرىلىتىمىز. بۇ ئىنتايىن دوستانە بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. بىكاردىن بىكارغا سۈركىلىشنى ئۇلغايتىدىغان سۆزلەرنى قىلىشىڭلارنىڭ ياكى بىر قىيالىق ياكى ئارالچىغا چىقىشىڭلارنىڭ بىر پايدىسى يوق، سىلەرگە بىر نەرسە كەلتۈرمەيدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر