ھۇلۇسى ئاكار پاكىستان باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن قىلغان رەھبەرلىكى ئاستىدا، تۈركىيەنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئىلگىرىلەشلىرىگە ھەيران ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1111055
ھۇلۇسى ئاكار پاكىستان باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار پاكىستان ئارمىيە باش ئىشتابىنى ۋە پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى زىيارەت قىلدى.

ھۇلۇسى ئاكار پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پەرۋەز ھاتتاك بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئارقىدىن پاكىستان باش مىنىستىرلىقىنى زىيارەت قىلدى.

پاكىستاندا چىقىدىغان «The Nation» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان ھۇلۇسى ئاكارنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلغاندا، پاكىستان-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالغان.

ئۇ پاكىستاننىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن قىلغان رەھبەرلىكى ئاستىدا تۈركىيەنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئىلگىرىلەشلىرىگە ھەيرانمىز» دېدى.

ئۇ پاكىستان خەلقىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدىن ھېس قىلغان مەمنۇنلۇقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن سودا ۋە مۇداپىئە ساھەسىدە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئوخشاش، ئورتاق مەنپەئەتلەر ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار يېڭىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ئىمران خاننى تەبرىكلىدى ۋە جۇمھۇر رەىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى.

ھۇلۇسى ئاكار پاكىستان رەھبىرىنىڭ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئىمران خاننىڭ زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، پاكىستاننىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىشتە نامايان قىلغان مەيدانىغا مەدھىيە ئوقۇدى.

ئىمران خان-ھۇلۇسى ئاكار كۆرۈشۈشىدە رايونلۇق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

ھۇلۇسى ئاكار ئىمران خان بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، پاكىستان پىرېزىدېنتى ئارىف ئالۋى بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىھسان مۇستافا بىرگە بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر