ئەردوغاننىڭ سۇداندا ئۇنىۋېرسىتېت ئېچىش ۋەدىسى ئىشقا ئاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۇداندا ئۇنىۋېرسىتېت ئېچىش ۋەدىسى، سەھىيە بىلىملىرى ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن «سۇدان نىيالا سەھىيە خىزمەتلىرى ئالىي مەكتىپى» دېگەن نام بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

1100008
ئەردوغاننىڭ سۇداندا ئۇنىۋېرسىتېت ئېچىش ۋەدىسى ئىشقا ئاشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە بىلىملىرى ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەردوغاننىڭ (ئالدىنقى يىلى 24دېكابىردىن 25دېكابرىغىچە بولغان ئارىلىقتا) سۇدان خارتۇم ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، سەھىيە بىىلملىرى ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن سۇداندا ئۇنىۋېسىتېت ئېچىشقا ۋەدە بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، سەھىيە بىلىملىرى ئۇنىۋېرسىتېتى سۇدان نىيالا سەھىيە خىزمەتلىرى ئالىي مەكتىپىنىڭ سۇدان پىرېزىدېنتى ئۆمەر ئەل بەشىرنىڭ ئېچىلىش لىنتىسىنى كېسىشى بىلەن خىزمەتكە كۈرۈشتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئۆمەر ئەل بەشىر ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، مەكتەپنىڭ سۇداننىڭ سەھىيە مائارىپى ئېھتىياجىنى قامداشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، سۇدان خەلقىگە قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا، تۈركىيە خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە چوڭقۇر مەننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سەھىيە بىىلملىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا خىزمەتلىرى، تەتقىقات ۋە ئەمەلىي ئىجرا قىلىش مەركىزى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور ھەسەن ھۇسەيىن ئەكبەرمۇ ئالىي مەكتەپنىڭ مەقسىتىنىڭ تېخىمۇ ئىقتىدارلىق سەھىيە خادىملىرىنى يېتىشتۇرۇپ چىقىشقا تۆھپە قوشۇش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

سۇداندا ئېچىلغان سەھىيە خىزمەتلىرى ئالىي مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىسى مەسۇت ئىكىز بولسا، مەكتەپنىڭ 2018ۋە 2019ئوقۇش ئۇقۇتۇش يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن دەرس باشلاپ بولغانلىقىنى ئېيتتى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر