مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاشىقجى ۋەقەسى ۋە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سەئۇدى ئەەبىستاننىڭ كېچىكىپ بولسىمۇ ژۇرنالىست جەمال قاشاقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1073811
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاشىقجى ۋەقەسى ۋە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، كۈنتەرتىپتىكى مەسلىلەر ئۈستىدە توختالدى. جەمال قاشىقجى ۋەقىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا ئورگانلار ياكى مەھكىمىلەر تەكشۈرۈش باشلاشنى خالىسا، تۈركىيەنىڭ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «قاشىقجى جىنايىتىگە دائىر قولىمىزدىكى پاكىتلارنى ھېچ بىر دۆلەت بىلەن ئورتاقلاشمىدۇق. بىراق ئىستىخباراتلار ئارىسىدا مۇزاكىرە قىلىشقا بولىدۇ» دېدى.

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدىمۇ توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋاقتىنى نەزەرگە ئالغان ھالدا قويۇپ بېرىلگەن ئامېرىكىلىق پوپ ئاندرېۋ بىرۇنسون سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ بۆلگۈنچى تېروررلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك غا قىلغان ياردەملىرى ۋە فەتھۇللاھچى تېرررلۇق تەشكىلاتىغا نىسبەتەن ھىمايە قىلىش پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقانلىقى يۈزىسىدىن يىرىكلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەدە ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان بىر تەشكىلات كاتىۋىشىنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشىنى بىزنىڭ پىكىرلىرىمىز قەتئىي قوبۇل قىلالمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئەمدىكى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى، كونكېرت قەدەملەرنى تاشلاشتۇر. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەققىدە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى «FBI» تەكشۈرش باشلىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى «FBI» دىن بىر گۇرۇپپا ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى ۋە بىز بارلىق ھۆججەتلەرنى ئۇلار بىلەن ھەمبەھىرلەشتۇق»

مۈۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەنىڭمۇ ي پ گ نىڭ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ي پ گ/ پ ك ك نىڭ سۈرىيەدە قۇرۇلىدىغان دۆلەت ئاساسىي قانۇنى كومىتېتىدا ئورنى بولمايدۇ. بىز بۇنىڭغا يول قويمايمىز» دېدى.  قىبرىس مۇزاكىلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ «ھېچ كىشى ھەر قانداق بىر ئۇتۇقسىزلىقنى قوبۇل قىلالمايدۇ، بىز تېخىمۇ قوبۇل قىلالمايمىز» دېدى.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر