چاۋۇشئوغلۇ پومپېيو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1073082
چاۋۇشئوغلۇ پومپېيو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئامېرىكىلىق مەنسەپدېشى پومپېيو تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى يېقىندىن تەقىب قىلىش توغرىسىدا سۆزلەشكەن.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەتبۇئات مەركىزى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، جەمال قاشىقجى مەسىلىسى ۋە سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئامېرىكىلىق مەنسەپدېشى پومپېيو، ئاخىرقى قېتىم 17 – ئۆكتەبىردە پايتەخت ئەنقەرەدە يۈزتۇرانە كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر