تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە تىنچ ئۇسۇلدا نامايىش ئۆتكۈزگەن پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان زوراۋان سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى.

1068386
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە ئىنسانىي قىممەت – قاراشلارنى پىسەنتكە ئالماستىن مۇھاسىرىگە ئېلىپ تۇرۇۋاتقان غەززەدە تىنچ ئۇسۇلدا نامايىش ئۆتكۈزگەن پەلەستىنلىكلەردىن 7 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، 200 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، «ئىسرائىلىيە پەلەستىندە بىپەرۋالارچە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زوراۋان سىياسىتىگە تايىنىپ پەلەستىن خەلقىنى تارىخىي شۇنداقلا قانۇنلۇق ھەقلىرىدىن مەھرۇم قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. پەلەستىن خەلقىنىڭ خەلقئارا تەرىپىدىن مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋاقىتنى قولدىن بەرمەستىن دەرھال ئورۇنداش زۆرۈر بولغان بىر ئىنسانىي ۋەزىپىگە ئايلاندى. خەلقئارا جەمئىيەتكە بۇ ۋىجدانى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىمىزنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى، تۈنۈگۈنكى تىنچ ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش جەريانىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 7 پەلەستىنلىكنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، 154 پەلەستىنلىكنىڭ راست ئوق تېگىپ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

نامايىشلار باشلانغان 30 – مارتتىن بۇيان 200 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا شېھىت بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر