تۈركىيە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان تاخار ۋىلايىتىدە سايلام يىغىلىشى ئەسناسىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1068396
تۈركىيە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ تاخار ۋىلايتىدە بۈگۈنكى بىر سايلام يىغىلىشى ئەسناسىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يەنە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، «بۇ خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، دوست ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش ئافغان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان تاخار ۋىلايىتىنىڭ رۇستاك ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ سايلام يىغىلىشى ئەسناسىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 14 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 35 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر