ئەردوغان: «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىدىكى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەدە «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىدىكى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1067541
ئەردوغان: «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىدىكى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسپارتادا ئۆتكۈزۈلگەن «2018 – يىللىق 8 – باسقۇچلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسكەرلەر كۇرسى» نى پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ  دۆلەت ئىچى-سىرتىدا تېررورچىلارغا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خۇدايىم بۇيرىسا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ كۇرسنى پۈتتۈرگەن ئەسكەرلىرىمىزنىڭمۇ ياردىمى بىلەن <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىدىكى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىمىز.»

2016 – يىلقى 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دېدى: «بەزىلەر <قايتا باش كۆتۈرەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدۇق> دەپ گۇمان قىلغانلارنىڭ ئارمىيەمىزنىڭ تارىخىدا ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان مىسلىسىز قۇدرىتىنى كۆرۈپ ئاغزى ئېچىلىپ قالدى.»

تۈركىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە بىرقاتار ئىغۋاگەرلىك ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ ھۇجۇملارنىڭ  تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق سېتىۋېلىش ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك 13 -، مىللىي كىرىم ئۆلچەملىرى بويىچە ئەڭ كۈچلۈك 17 – دۆلەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئۆلمەس ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «باشقىلار تەرىپىدىن بىز نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان توسالغۇلار قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم بىر چىقىش يولىنى تېپىپ، بۇ توسالغۇلارنى پاچاقلاپ تاشلايمىز. غەلىتە باھانە – سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، دۆلىتىمىزگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمايۋاتقانلارغا، يەنە غەلىتە باھانە – سەۋەبلەر بىلەن بىزگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلارغا، ئەسىلىدە زىيان تارتقۇچىلارنىڭ بىز ئەمەس، ئەنە شۇلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويىمىز. بىزگە تاقالغان ھەر بىر ئىشىككە قارشى 10 ئىشىكنى ئېچىش بىلەن، بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىرىلىۋاتقان ھەر بىر قىيىن ئۆتكەلگە قارشى 10 تۈرلۈك قولايلىقنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق سېلىنمىلىرىمىزنى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمىزنى ئىزچىل  داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر