ئامېرىكىلىق راھىپ بىرۇنسون 3 يىل 1 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
بۈگۈنكى ھۆكۈم چىققىچە بولغان جەرياندا ئامېرىكىلىق راھىپ بىرۇنسوننىڭ ئۆيدە نازارەتتە تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋاقتى قاماق جازاسى ھېسابلىنىپ، قويۇپ بېرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىزمىردە فەتھۇللاچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە پ ك ك بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈچۈن جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋە جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 35 يىللىق قاماق جازاسى تەلەب قىلىنغان شۇنداقلا ئۆيدە نازارەتتە تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەن ئامېرىكىلىق راھىپ ئاندىرېۋ بىرۇنسون بۈگۈن سوت قىلىندى.
ئىزمىر 2 – ئېغىر جازا مەھكىمىسىدىكى سوتتا، بىرۇنسون 3 يىل 1 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
ئۆيدە نازارەت ئاستىدا تۇتۇش ۋە چەت ئەلگە چىقىشىنى چەكلەش ھۆكۈملىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بىرۇنسوننىڭ بۈگۈنكى ھۆكۈم چىققىچە بولغان جەرياندا ئۆيدە نازارەتتە تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋاقتى قاماق جازاسى ھېسابلىنىپ، قويۇپ بېرىلدى.
سوتنىڭ قارارى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان بىرۇنسوننىڭ ئادۋۇكاتى، «بېرىلگەن جازانى قاماق جازاسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلمايمىز. ئالىي سوتقا ئەرز قىلىمىز، ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ئىشقا سالىمىز» دېدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سوتنىڭ قارارى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «راھىپ بىرۇنسۇن ئۈچۈن ئىنتايىن زىچ خىزمەت ئىشلىدۇق» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە بىر ئۇچۇر ئېلان قىلغان دونالد ترامپ، «ئوي – پىكرىم ۋە دۇئالىرىم راھىپ بىرۇنسۇن بىلەن بىرگە. قىسقا ۋاقىتتا ئۇنى ئۆيىدە كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.