ئەردوغان ۋېنگىرىيە زىيارىتى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «ۋېنگىرىيە بىلەن (بىزنىڭ)، ناتو، ياۋروپا كېڭىشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز ئۈلگە بولماقتا» دېدى.

1065729
ئەردوغان ۋېنگىرىيە زىيارىتى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۆزى قەلەمگە ئالغان «ۋېنگىرىيە زىيارىتى» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە مۇھاكىمە ماقالىسىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئېلان قىلدى. ئۇ، «چوڭقۇر ۋە ئۇزۇنغا سۇزۇلغان رىشتىمىز بولغان ۋېنگىرىيە بىلەن ھەمكارلىقىمىزنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ئۆزئارا كۆچ سەرپ قىلماقتىمىز. ۋېنگىرىيە بىلەن (بىزنىڭ)،  ناتو، ياۋروپا كېڭىشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز ئۈلگە بولماقتا.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان، 2013 – يىلى قۇرۇلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى سايىسىدا يېقىنقى 5 يىلنىڭ مابەينىدە ۋېنگىرىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى، 2013 – 2017 – يىللىرى ئارىسىدا ئىككى تەرەپ سودا ھەجىمىنىڭ %38 ئېشىپ 2 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، زىيارەت دائىرىسىدە چاقىرىلىپ سودا – سانائەتچىلەر دۇنياسى بىلەن كېڭىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان تۈركىيە – ۋېنگىرىيە سودا مۇنبىرى يىغىنى سايىسىدا، سودا ھەجىمىنى 5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىغا دادىل قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلەيدىغانلىقلىرىنى، توشۇغۇچىلىق ساھەسىدىن ئېنېرگىيەگىچە، قۇرۇلۇش ساھەسىدىن ساياھەتچىلىككىچە، مۇداپىئە ساھەسىدىن يېزا – ئىگىلىككىچە بولغان ناھايىتى كەڭ دائىرىدىكى تۈركىيە – ۋېنگىرىيە سودا ئىمكانىيەتلىرىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ ئىمكانىيەتلىرىمىزنى بىرلەشتۈرىمىز. ئافرىقىنىڭ تەرەققىي قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا تۆھپە قوشۇش يولىدا ۋېنگىرىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى؛ ئاسىيا بىلەن ۋېنگىرىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ خىلمۇخىللىققا ئىگە بولۇشىغا ھەمدەم بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

تۈركلەر بىلەن ۋېنگىرلارنىڭ ئەسىرلەرگە سۇزۇلغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى مەدەنىيەت ساھەسىدىمۇ جانلاندۇرۇشقا بەل باغلىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، پىرېزىدېنت جانوس ئادېر قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ئۆزى ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەيئەتكە نامايان قىلغان مېھماندوستلۇقى ئۈچۈن پۈتكۈل ۋېنگىرلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۈشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرى ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر