تۈركىيە يۇرتىغا قايتقان ئافغانلارغا خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىشنى باشلىدى

تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى، ئافغانىستانغا «پىداكارلىق بىلەن قايتقۇچىلارغا ھەمدەم بولۇش پىلانى» دېگەن نام ئاستىدا سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى باشلىدى.

1065868
تۈركىيە يۇرتىغا قايتقان ئافغانلارغا خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچ ئىدارىسى باش مۇدىرىيىتى، تۈركىيەنىڭ كابۇلدىكى ئەلچىخانىسى ۋە ئافغانىستان كۆچمەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىرلىكتە تۈزۈپ چىققان پىلانغا ئاساسەن، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۈركىيەدىن دۆلىتىگە قايتقان ئافغانلارغا خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ.

بۇ پىلان دائىرىسىدە، دۆلىتىگە قايتقان ئىككى ئافغانىستانلىققا دۇكان ۋە ياغاچچىلىق كارخانىسى تەييارلاپ بېرىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پايتەخت كابۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا تۈركىيەنىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوغۇزخان ئەرتۇغرۇل، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچ ئىدارىسى باش مۇدىرى ۋەكىلى ئابدۇللاھ ئاياز، تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى باش مۇدىرى ئىبراھىم ئالتان، مۇئاۋىن مۇدىرى ئالپەر كۈچۈك، تۈركىيەنىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى ئىلكەر تۈركبايراق ۋە تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ ئافغانىستان ھەيئىتى باشلىقى مۇجاھىت سالىھ دۇران قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.

تۈركىيەنىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەرتۇغرۇل مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، ئافغانىستاندىكى تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشى بىلىدىغانلىقلىرىنى، بۇ يەردىكى ساقلىنىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلىنىڭ خەۋپسىزلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇ خىل سەلبىيلىكلەرنى كۆرۈپ ھېچكىمنىڭ ئۈمىدىنى يوقىتىپ قويماسلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاننىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

باش ئەلچى ئەرتۇغرۇل، تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى يارىتىپ بەرگەن بۇ خىل ئىمكانىيەتلەردىن ياخشى پايدىلانغان ئافغانلارنىڭ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچ ئىدارىسى باش مۇدىرى ۋەكىلى ئابدۇللاھ ئاياز، تۈركىيەگە قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتقان ئافغانىستانلىقلارغا تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى ۋە تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارە – ئورگانلىرىنىڭ ھەمدەم بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر