ئەردوغان بىلەن ۋىكتور ئوربان گۈل بابا مەقبەرىسىنىڭ مۇراسىمىغا قاتناشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە-ۋېنگىرىيە ھەمكارلىقىنىڭ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مىراسى ئاستىدا داۋاملىق چوڭقۇر يىلتىز تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1065517
ئەردوغان بىلەن ۋىكتور ئوربان گۈل بابا مەقبەرىسىنىڭ مۇراسىمىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋېنگىرىيە زىيارىتىدە باش مىنىستىر ۋىكتور ئوربان بىلەن گۈل بابا مەقبەرىسىنىڭ ئېچىلىشىغا ئىشتىراك قىلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆزىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مۇھىم زىيارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن باشقا، تۈركلەر ۋە ھۇنلارنىڭ بىر قانچە ئەسىرگە تۇتىشىدىغان يىلتىزى چوڭقۇر دوستلۇق سىمۋوللىرىنىڭ بىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

تۇمىقىنىڭ ئالدىغا قىستۇرۇۋالىدىغان گۈل سەۋەبلىك بۇ ئىسىم بىلەن ئاتىلىدىغان بەكتاشى دەرۋىشى گۈل بابانىڭ بۇندىن 477 يىل بۇرۇن شاھادەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئۇ ۋەكىللىك قىلغان مەنىۋى بايلىقلار ۋە ئۇنىڭ نامىدا سىمۋولغا ئايلانغان پەزىلەتلەر بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان گۈل بابانىڭ، پۈتكۈل ۋېنگىرىيە تەۋەسىدە تونىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گۈل بابا نامىنىڭ، ۋاپا، جاسارەت، ئادالەت، پىداكارلىق، ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ قاتارلىق مەنىۋى بايلىقلار بىلەن بىر پۈتۈنلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ  گۈل بابا مەقبەرىسىگە پەقەت ئورتاق تارىخىنى خاتىرىلىتىدىغان ئەجداد يادىكارى سۈپىتىدە قارىماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «گۈل بابا ئۆتمۈشتىن بەكرەك بۈگۈن بىلەن كېلەچەككە مۇناسىۋەتلىك. گۈل بابا ئۆزىنى زىيارەت قىلغانلارغا، تارىخنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدىن خىتاب قىلىپ، ئىنسانىيەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ھۆرمەت، بىر-بىرىنى چۈشىنىش ۋە دوستلۇق ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئەسكە سالىدۇ. گۈل بابا سۆيگۈنىڭ نەپرەت، تىنچلىقنىڭ توقۇنۇش، ھەمكارلىشىشنىڭ شەخسىيەتچىلىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنىڭ سىمۋولىدۇر» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«گۈل بابا بەدىنى بىلەن ئارىمىزدا يوق بولسىمۇ، خاتىرىلىرى، ئىلمى بىلەن بۇ يەردە ياتماقتا. گۈل بابا ئۆزىگە ۋېنگىرىيە بىلەن تۈركىيەدە كۆرسىتىلىدىغان ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەت گۈللىرى ئىچىدە ياتقان بۇ گۈزەل باغچىدا، ھەقىقەتنىڭ قۇتۇبى بولۇپ تۇرماقتا. ئىنشائاللاھ كېيىنكى ئەسىرلەردىمۇ گۈل بابا مەنىۋى مىراسلىرى ئارقىلىق ئىزچىل ھالدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە دوستلۇقىنىڭ نىشانىسى بولىدۇ.»

ئۇ مەرھۇم ئەۋلىيا چەلەبى ۋە ئوخشىمىغان دەۋرلەردە مەقبەرىنى زىيارەت قىلغان سەيياھلارنىڭ ھۇن خەلقىنىڭ گۈل بابا مەقبەرىسىنىڭ قوغدىلىشىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ گۈل بابا مەقبەرىسىنىڭ شۇنچىۋالا مۇساپىنى باشتىن كەچۈرۈپ، بارلىق گۈزەللىكلىرى ۋە كۆركەملىكى بىلەن كۈنىمىزگە يېتىپ كېلەلىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنىڭ، كۆيۈنۈش، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ھۆرمەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ۋېنگىرىيەدىكى ئورتاق تارىخ ۋە مەدەنىيەت مىراس ئۆرنەكلىرىنىڭ پەقەت گۈل بابا مەقبەرىسىدىن ئىبارەت ئەمەسلىكىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ قەدىمگە تۇتىشىدىغان دوستلۇقى، ھەمكارلىقى ۋە ئورتاق تارىخىغا ۋەكىللىك قىلغان نۇرغۇنلىغان تارىخىي يادىكارلىقلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە-ۋېنگىرىيەھەمكارلىقى گۈل بابا ھەزرەتلىرىنىڭ مەنىۋى كۆلەڭگىسى ئاستىدا داۋاملىق چوڭقۇر يىلتىز تارتىدۇ. مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن گۈل بابا مەقبەرىسىنىڭ ھۇن خەلقىگە ۋە بۇداپېشتقا خەيرىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. بۇ ئابىدە ئەسەرنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق رىشتىلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشىگە ۋەسىلە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر