چېگرا ھالقىپ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى سالاھىيەت ھۆججىتى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى

ئىراق ۋە سۈرىيەدە چېگرا ھالقىپ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش بويىچە ھۆكۈمەتكە بېرىلگەن سالاھىيەت ھۆججىتىنىڭ مۇددىتى ئۇزارتىلدى.

1065133
چېگرا ھالقىپ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى سالاھىيەت ھۆججىتى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 3 – ئۆكتەبىردە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە قوبۇل قىلىنغان ئىراق ۋە سۈرىيەدە چېگرا ھالقىپ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش بويىچە ھۆكۈمەتكە بېرىلگەن سالاھىيەت ھۆججىتىنىڭ مۇددىتى، 30 – ئۆكتەبىردىن تارتىپ كۈچكە ئىگە بولىدىغان شەكىلدە يەنە بىر يىللىق ئۇزارتىلدى.

رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ قارارىغا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ جەنۇبتىكى قۇرۇقلۇق چېگرالىرىغا قوشنا رايونلاردا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ۋە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش ھالىتى مىللىي خەۋپسىزلىك نۇقتىسىدىن خەۋپ ۋە تەھدىت بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

تۈركىيەنىڭ، قوشنىسى ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ، مىللىي بىرلىكىنىڭ ۋە مۇقىملىقىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىغا كۈچلۈك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن سالاھىيەت ھۆججىتىدە، «يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراقتا (بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى) پ ك ك ۋە دائېش ئۇنسۇرلىرىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇشى، ئېتنىك مەنبەلىك ئايرىمىچىلىق مەسىلىلىرى رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە خەۋپ شەكىللەندۈرمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ھۆججەتتە، پ ك ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش قاتارلىق سۈرىيەدە مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيەنىڭ، ئاستانا مۇساپىسى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىق ۋە چارىگە ئايلاندۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقلىرى سايىسىدا بېسىلغان مۇساپە نەتىجىسىدە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگرالىرى ئىچىدە ئېلان قىلىنغان جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونلىرىدا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى، تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى  بويىچە بىر قاتار مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر