ئەردوغان ۋېنگىرىيە زىيارىتىنى باشلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېىشتتە پىرېزىدېنت ژانوس ئادېر تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم بىلەن قىزغىن كۈتۈۋېلىندى.

1064778
ئەردوغان ۋېنگىرىيە زىيارىتىنى باشلىدى
erdogan macaristan'da.jpg
erdogan macaristan'da.jpg
erdogan macaristan'da.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە رەپىقىسى ئەمىنە خانىم ۋېنگىرىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيىغا ئاتلىق مۇراسىم قاراۋۇللىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا يېتىپ كەلدى ۋە پىرېزىدېنت ئادېر بىلەن رەپىقىسى ئانىتا ھېرجزېغ تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىندى. كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ مىللىي مارشلىرى ئوقۇلدى. ئەردوغان بىلەن ئادېر مۇراسىم قاراۋۇللىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندىن كېيىن، بىر-بىرىگە ھەيئەتتىكىلەرنى تونۇشتۇردى.

ئىككى رەھبەر ئايرىم كۆرۈشۈشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈشكە ئىشتىراك قىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا، رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، سودا مىنىستىرى رۇھسار پەكجان، قاتناش مىنىستىرى مەھمەت جاھىت تۇرھان، جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە مەركىزىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەۋدات يىلماز ھەمراھ بولدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىككى كۈنلۈك ۋېنگىرىيە زىيارىتىدە، پىرېزىدېنت ئادېردىن باشقا، پارلامېنت باشلىقى لاسزلو كۆۋېر ۋە باش مىنىستىر ۋىكتور ئوربان بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.

كۆرۈشۈشلەردە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن بېسىلىشى كېرەك بولغان قەدەملەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى، قانۇنسىز كۆچ ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش مىنىستىر ئوربان بىلەن بۇداپېششتىكى گۈل بابا مەقبەرىسىنىڭ ئېچىلىشىغا بىرلىكتە ئىشتىراك قىلىدۇ.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە-ۋېنگىرىيە مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر