ئەردوغان بۈگۈن ۋېنگىرىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن(8-ئۆكتەبىر) ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1064156
ئەردوغان بۈگۈن  ۋېنگىرىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى قىلىش ئۈچۈن ۋېنگىرىيەگە بارىدۇ. ئۇ ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى دائىرەسىدە، ۋېنگىرىيە پىرېزىدېنتى جانوس ئادېر، پارلامېنت باشلىقى لاسزلو كۆۋېر ۋە باش مىنىسمتىر ۋىكتور ئوربان بىلەن كۆرۈشىدۇ.

كۆرۈشۈشلەردە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن بېسىلىشى كېرەك بولغان قەدەملەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى، قانۇنسىز كۆچ ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش مىنىستىر ئوربان بىلەن بۇداپېششتىكى گۈل بابا مەقبەرىسىنىڭ ئېچىلىشىغا بىرلىكتە ئىشتىراك قىلىدۇ.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە-ۋېنگىرىيە مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر