تۈركىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئىز قوغلاپ زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تېررورچىلارغا ئىز قوغلاپ زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئورتاقلاشتى.

1064318
تۈركىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئىز قوغلاپ زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىچكى خەۋپسىزلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە 23 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىق 1 – ئۆكتەبىردىن 8 – ئۆكتەبىرگىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى؛ مىنىستىرلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 2421 قېتىم زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 4 تېررورچى تىرىك قولغا چۈشۈرۈلگەن، 12 تېررورچى تەسلىم بولغان، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئەزا بولغان، دەپ قارىلىۋاتقان 774 گۇماندار نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر