İHH غەززەدىكى 2000 ئوقۇغۇچىغا كېيىم ياردەم قىلدى

ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرەلىك ياردەم فوندى جەمئىيىتى (İHH) يېڭى ئوقۇ – ئوقۇتۇش يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن غەززەدىكى 2000 ئوقۇغۇچىغا كېيىم ياردەم قىلدى.

1064704
İHH غەززەدىكى 2000 ئوقۇغۇچىغا كېيىم ياردەم قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرەلىك ياردەم فوندى جەمئىيىتى (İHH) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پەلەستىندە 2006يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ھاماس غەلىبە قىلغان سايلاملاردىن كېيىن، ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلۇملىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى، غەززەنى قۇرۇغلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋادىن قورشاۋغا ئېلىشنى باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ شۇنچە نارازىلىقلرىغا پىسەنت قىلماستىن، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى قۇرشاۋ قىلىشنى تو×تاۋسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە، «جەمئىيىتىمىز ماۋى مارمارا يادەم پاراخوتى بىلەن پەلەستىننى پۈتۈن دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالغۇزۇشتا زور ئۇتۇققا ئېرىشتى. ھازىرمۇ يارىدەم خىزمەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ دائىرىدە ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرەلىك ياردەم فوندى جەمئىيىتى (İHH)، ساخاۋەتچىلەرنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئارقىلىق غەززەلىك 2000 ئوقۇغۇچىغا كېيىم تارقىتىپ بەردى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرەلىك يارىدەم فوندى جەمئىيىتى (İHH) نىڭ كونيا شۇبىسى بىلەن ئىنەگۆل شۇبىسىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان بۇ لايىھەدىن 1000 ئوغۇل ئوقۇغۇچى ۋە 1000 قىز ئوقۇغۇچىنىڭ پايدىلانغانلىقى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ فورمىسىدىن باشقا يەنە، ئاياغلارنىڭمۇ تارقىتىپ بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر