تۈركىيە ئارمىيەسى سومالى ئەسكەرلىرىنى تەربىيەلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا

سومالىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە قىسىملىرى قوماندانلىقىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى ئوفېتسېر ۋە لېيتېنانت ئوفېتسېرلار مەكتىپىدە 185 ئادەمدىن تەشكىل تاپقان يېڭى بىر گۇرۇپپا ھەربىي تەلىم – تەربىيە ئېلىشنى باشلىدى.

1063948
تۈركىيە ئارمىيەسى سومالى ئەسكەرلىرىنى تەربىيەلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي تەلىم – تەربىيە مەركىزى بولغان تۈركىيە قىسىملىرى قوماندانلىقى يېڭى مەۋسۇملۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئوقۇ – ئوقۇتۇش قەدىمىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى؛ مۇراسىمغا سومالى مۇداپىئە مىنىستىرى ھەسەن ئەلى مۇھەممەد، سومالى ئارمىيەسى قوماندانى تاھىر ئادەم ئىلمى، تۈركىيەنىڭ موقدىشۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئولگان بەكار، مائارىپ مەركىزى باشلىقى پولكوۋنىك ئۆمەر فارۇق ۋە باشقا ئالاقىدار ئەمەلدارلار ئىشتىراك قىلدى.

سومالى مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ سومالى ئەسكەرلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشىدە ئوينىغان رولىغا يۇقىرى باھا بەرگەن ھالدا، تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىياسىي كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان سومالىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

تۈركىيە ھەربىي تەلىم – تەربىيە مەركىزىنىڭ سومالى ئەسكەرلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن سومالى ئارمىيەسى قوماندانى ئىلمىمۇ، سومالىغا قىلغان ياردىمى ئۈچۈن تۈركىيە خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

بۇ جەرياندا، سومالىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە قىسىملىرى قوماندانلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئوفېتسېر ۋە لېيتىنانت ئوفېتسېر مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا تۈرك تىلى دەرسىنىڭمۇ ئۆتىلىۋاتقانلىقىنى، سومالىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن چېغىدا تۈرك تىلىدا راۋان سۆزلىشەلەيدىغان سەۋىيەگە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي تەلىم – تەربىيە مەركىزى بولغان سومالىدا تۇرۇشلۇق تۈركىيە قىسىملىرى قوماندانلىقى، 2017 – يىلى 30 – سېنتەبىردىن باشلاپ سومالى ئارمىيەسىنىڭ ئۇلىنى تەشكىل قىلىدىغان ئوفېتسىېر ۋە لېيتىنانت ئوفېتسېرلارنى تەربىيەلەپ كەلمەكتە.

سومالىدا تۇرۇشلۇق تۈركىيە قىسىملىرى قوماندانلىقى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر ئىچكى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەلىرى دېگەن ئامىللار تۈپەيلى ھاياتلىق تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان سومالىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قايتىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم قەدىمىنى تەشكىل قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر