ئەردوغان: بىر ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلىمىز
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىر ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئەنقەرەدە چاقىرىلغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 27 – نۆۋەتلىك كېڭەش ۋە خىزمەت خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېررورچىلار قەيەرگە كىرىۋالسۇن، ھامان ئۇۋىسىغا كىرىپ، يوقىتىمىز، قەندىلدىمۇ، سىنجاردىمۇ شۇنداق قىلىمىز. ئۇلارنى ئۈزۈل - كېسىل يوقاتقانغا قەدەر كۈرىشىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز. تېررورچىلارنىڭمۇ، تېررورچىلارنى قوللاۋاتقان كۈچلەرنىڭمۇ خەلقىمىزنىڭ ھۇزۇرىنى، پاراۋاتقانلىقىنى، خاتىرجەملىكىنى بۇزۇشقا ئەسلا كۈچى يەتمەيدۇ.»
باتماندا 8 ئەسكەر شېھىت بولۇپ كەتكەن تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىز بىر ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلىمىز، تېررورچىلار 8 ئەسكىرىمىزنى شېھىت قىلدى، ئەمما ئۇلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇنىڭ بەدىلىنى 800 تېررورچى بىلەن تۆلەيدۇ. بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ/پ ي د تېررورچىلىرى سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونى ئەتراپىدا قاناللارنى ئېچىۋاتىدۇ، خەندەكلەرنى قېزىۋاتىدۇ، ئەمما ئەسكەرلىرىمىز خۇددى ئافرىنكىكىگە ئوخشاشلا ئۇ يەرگىمۇ كىرىپ، چوقۇم ئۇلارنى بىتچىت قىلىدۇ.»