جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋېنگىرىيە پىرېزىدېنتى جانوس ئادېرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 8 – 9 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى  بۇ دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1063549
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان زىيارىتى جەريانىدا ۋېنگىرىيە پىرېزىدېنتى ئادېر بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشلىرىدىن سىرت يەنە، پارلامېنت باشلىقى لاسىزلو كۆۋېر ۋە باش مىنىستىر ۋىكتور ئوربان بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىىدكەن.

ئۇچرىشىشلاردا، سىياسىي، ھەربىي، بىخەتەرلىك، دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى، ئىقتىسادىي، سودا، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى، قالايمىقان كۆچمەنلىك ۋە تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

بۇ زىيارەت، ۋېنگىرىيە بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق دائىرىسىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى  ھەر ساھەدە يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدىكەن.

زىيارىتى جەريانىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوران بىلەن بىرلىكتە بۇداپېشتتىكى گۈل بابا مەقبەرەسىنىڭ ئېچىلىشىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشى، سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىشى ۋە گالىچيا شېھىتگاھلىقىنى زىيارەت قىلىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر