ئەردوغان: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىزنى ئالداۋاتىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىق مەسىلىسىدە 1963 – يىلدىن بۇيان تۈركىيەنى ئالداۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1062861
ئەردوغان: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىزنى ئالداۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ «يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇچۇر - ئالاقە تورى ھەمراھلىقى» دا چاقىرىلغان «< TRT World > مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ  «پارچىلانغان دۇنيادا ئادالەت ئىزدەش» تېمىلىق ئولتۇرۇشىنىڭ يېپىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، «ياۋروپا ئىتتىپاقى يىمىرىلىش باسقۇچىغا كېلىپ قالدىمۇ قانداق؟» تەرىقىسىدىكى سوئالغا قارىتا، ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق ئىشارەتلەرنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى  تۈركىيەنىڭ ئەزالىقى مەسىلىسىدە دەرھال قارار چىقارسا، بىزمۇ شۇنىڭغا قاراپ يۆنىلىشىمىزنى بەلگىلىسەك، دەپ ئويلايمەن.  دۆلىتىمىز 1963 – يىلى ئەزالىققا ئىلتىماس سۇنغانىدى، ئارىدىن شۇنچە ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولۇشىغا قارىماي، بۇ ئەھۋال ھېچ ئۆزگەرمىدى، 2018 – يىلىمۇ شۇنداق. بۇنداق زۇلۇمنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ھېچقانداق بىر ساھەدە بىز بىلەن قەتئىي سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دۆلەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا قىلىندى. كوپېنھاگېن ئۆلچەملىرىنىڭ ھەممىسىگە تولۇق ئەمەل قىلدۇق، لېكىن، نەتىجە يەنىلا ئۆزگەرمىدى، تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ ئۆلچەملەرگە توشمايدىغان دۆلەتلەر نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرىدۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاللىقانداق باھانە – سەۋەبلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەزالىقىغا قارشى چىقىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۈركىيەگە قارىتا ئىشىكنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىگە قارىتا ھېچقانداق بىر ئىشارەت يوق، ئەمما ئۇلار داۋاملىق بىزگە مۇنداق نەسىھەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ: <سىلەرگە مۇنداق – مۇنداق ئالاھىدە مۇئامىلە قىلايلى، بۇ ئارقىلىق سىلەرنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قوبۇل قىلايلى.> بىز ئۇلارغا، <بۇنى قوبۇل قىلالمايمىز> دەۋاتىمىز. يېقىندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قىلغان زىيارىتىم جەريانىدا،  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىرقانچە مەسئۇلىغا مۇنداق دېدىم: <سىلەر بىزنى چارچىتىۋاتىسىلەر، مەنمۇ سىلەرنى چارچىتىۋاتىمەن، شۇڭا، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋېتەيلى، بىزنى ئەزالىققا قوبۇل قىلساڭلار، دەرھال قوبۇل قىلىڭلار، قوبۇل قىلىش نىيىتىڭلار بولمىسا، ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئېيتىڭلار، بىزمۇ ئۆز يولىمىزغا ماڭايلى، سىلەرمۇ يولۇڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، بىر – بىرىمىزنى ھەددىدىن زىيادە چارچىتىۋەتمەيلى.> لېكىن ئۇلار ھەم بىزنى ھەم ئۆزلىرىنى چارچىتىشتىن زېرىكمەيۋاتىدۇ. گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىمغىمۇ: <بىزنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىش نىيىتڭلار بولسا، دەرھال قوبۇل قىلىڭلار، قوبۇل قىلىش نىيىتىڭلار بولمىسا، ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئېيتىڭلار، بىزمۇ ئۆز يولىمىزغا ماڭايلى، سىلەرمۇ ئۆز يولۇڭلارغا مېڭىڭلار> دېدىم. ئەمما ئۇلار يا قوبۇل قىلىمىز، ياكى قوبۇل قىلالمايمىز، دېمەيۋاتىدۇ.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداشقا قارىتا بىرەر تەكلىپى بارمۇ؟» تەرىقىسىدە سوئالغا قارىتا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئەلۋەتتە بار، ياۋروپا ئىتتىپاقى قۇدرەت تاپقانسېرى بىزمۇ قەدرەت تاپىمىز، ئۇلارنىڭ بىزگە قوشىدىغان نۇرغۇن تۆھپىلىرى بار، بىزنىڭمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قوشىدىغان كۆپلىگەن تۆھپىلىرىمىز بار.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مەسىلىسىدە داۋاملىق تۈركىيەنى ئالدىغان تەقدىردە، بۇ ھەقتە خەلق رايىنى سىناش سايلىمى ئۆتكۈزۈش توغرۇلۇق سىگنال ۈبەرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەگەر ئۇلار داۋاملىق بىزنى ئالدايمەن دېسە، بىز بۇ مەسلىىنى 81 مىليون خەلقىمىزنىڭ رايىغا ئاساسەن ھەل قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر