ئەردوغان ئىراقنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراقنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بارھام سالىھ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1062609
ئەردوغان ئىراقنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتىدە فۇئاد مەسۇمدىن رەسمىي ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان بارھام سالىھنى تەبرىكلىگەن.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىراقنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بارھام سالىھ سۆھبەت جەريانىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر