تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا 10 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئاۋاشىن – باسيان ۋە زاپ رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.
1062178
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئاۋاشىن – باسيان ۋە زاپ رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 10 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، بۈگۈن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن – باسيان ۋە زاپ رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ھەرىكەت نەتىجىسىدە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى 10 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.