چاۋۇشئوغلۇ نىيۇ يوركتا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، نيۇ يوركتا چاقىرىلغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 73 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى.

1057571
چاۋۇشئوغلۇ نىيۇ يوركتا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، شىۋېيتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىگنازىئو كاسىس ۋە بۇرۇندى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئزېچىئېل نىبىگىرا بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا كۆرۈشتى.

بۇ دائىرىدە، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 73 – نۆۋەتلىك باشلىقى ۋە ئېكۋاتور تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىئا فېرناندا ئېسپىنوسا ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكا ماسلاشتۇرۇش تەشكىلاتى باش كاتىپى ۋىنىسىئو سېرېزو قاتارلىقلار بىلەنمۇ ئايرىم – ئايرىم ھالدا يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

بۇلاردىن باشقا مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى پەلەستىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ب د ت دا چاقىرىلغان يىغىنىغىمۇ ئىشتىراك قىلدى. ئۇ، يىغىندىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ھەردائىم پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇرىمىز. رايوندا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن، 1967 – يىل چېگرالىرى ئىچىدە پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل شۇنداقلا ئۆز – ئۆزىگە خوجا بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى شەرتتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر