چاۋۇشئوغلۇ بىلەن پومپېئو ئىدلىب توغرىسىدا سۆزلەشتى
دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1052201
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، چاۋۇشئوغلۇ بىلەن پومپېئو، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئىدلىب كېلىشىمى توغرىسىدا سۆزلەشكەن.
كېلىشىم، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا 15 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ قوراللاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان رايون بەرپا قىلىشنى مەزمۇن قىلىدۇ.