تۈركىيە، ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئىدلىبتىكى بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئالاقىدار تەرەپلەرنى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرگە خاتىمە بېرىشكە ۋە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىشقا چاقىردى.

1047832
تۈركىيە، ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئىدلىبتىكى بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ، رۇسىيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن چاقىرىلغان ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ جۈمە كۈنى تېھراندا ئۆتكۈزگەن باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسى توغرىسىدا ئەزا دۆلەتلەرگە مەلۇمات بەردى.

ئاستانا سۆھبەتلىرىنىڭ سۈرىيەدە زوراۋانلىقنى ئازايتىپ، سىياسىي مۇساپىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن سىنىرلىئوغلۇ، تېھران يىغىنىدىمۇ ئىدلىب مەسىلىسىنىڭ ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تېھراندا ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى قەيت قىلغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئىدلىبتىكى بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرگە خاتىمە بېرىپ، ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىمىز بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە تۈركىيە بۇ يۆنىلىشتىكى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىمۇ جاراڭلىق ۋە ئاكتىپ ھالەتتە تىرىشچانلىقلىرىمىزنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشكە چاقىرىمىز» دېدى.

فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىدلىبقا قىلىنىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەر شۇبھىسىزكى ئىنسانىي پاجىئە يارىتىدۇ، مۇساپىرلار ئېقىنىنى باشلىتىدۇ، تۈركىيە، ياۋروپا ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىغان رايونلاردا بىخەتەرلىك تەھدىتلىرى پەيدا قىلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

تۈركىيەنىڭ 3 يېرىم مىليون كىشى بىلەن دۇنيادا ئەڭ كۆپ مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن سىنىرلىئوغلۇ، «بىراق شۇنىڭ بىلەنمۇ يۈزلىشەيلى؛ بىز خېلى بۇرۇنلا قۇربىمىزنىڭ يۇقىرى سىزىقىغا يېتىپ بولدۇق» دېدى.

ئىدلىبتىكى مىليونلارچە بىگۇناھ ئىنساننىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئىتتىرىلىشىگە يول قويۇلماسلىقى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن سىنىرلىئوغلۇ، «بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. نۆۋەتتە ئىدلىبتا بىزنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلار تېررورچى ئەمەس، 3 يېرىم مىليون پۇقرا ۋە بۇنىڭ 1 مىليونى بالىلاردۇر. ئۇلارنى ئۈمىدسىزلىككە دۇچار قىلساق بولمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر