دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاقار ئامېرىكا ۋەكىلىنى قوبۇل قىلدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار پايتەخت ئەنقەرەدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېففرېينى قوبۇل قىلدى.
1043029
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇچرىشىشتا، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
ئاقار جېففرېيغا تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د/ي پ گ نىڭ مەۋجۇدىيىتىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئۇچرىشىشتا، ھۇلۇسى ئاقار ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلىگە تۈركىيەنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د/ي پ گ نىڭ رايوننى پۈتۈنلەي تەرك ئېتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.»